2.ھەرىكەت خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىقى . نۇرغۇنبالىلار جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا قورسىقى ئاغرىپ كېتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى جىددىي ھەرىكەت ئۈچەي يولىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدا ئاساسەن تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىيدىغان بولۇپ ئىنتايىن قاتتىق ئاغرىغاندەك بولۇپ بىئارام بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىش ، بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدرېجىي ئۆرلىتىشىگە دىققەت قىلىشى ؛ جىددىي ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلماسلىقى لازىم .
3.ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىقى . ئالتە ، يەتتە ياشلىق بالىلار دائىم كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئۇخلىغاندىن كېيىن قورسىقى سەل ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ ، بىز مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن يېنىكلەيدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ . قورساق ئاغرىغان ۋاقىتتا ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ قورسىقىنى يېنىك سىيلاپ بەرسە ياكى گىرىلكا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ .
4.شامال تېگىپ قورساق ئاغرىش . بالا ئۇخلىغاندا ئادەتتە جىم ياتماي يوتقىنىنى ئېچىۋېتىدۇ – دە قورسىقى ئېچىلىپ قېلىپ قورساق ئاغرىيدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ،شامال تېگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالسىلا كۇپايە .
5.پىسخىكىلىك قورساق ئاغرىقى . بالىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس كەيپىياتى بار . مەسىلەن : يەسلىگەبېرىشقا ئۇنىمىسا قورسىقى ئاغرىشى مۇمكىن . بۇۋاقىتتا ئاتا – ئانىلار كۆپرەك باشلامچىلىق قىلىپ ، جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى يوقاتسا ، قورساق ئاغرىقىمۇ يوقاپ كېتىدۇ .
6.كالىتسىي كەم بولۇش خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش . بالىدا كالىتسىي كەم بولسىمۇ قورساقى ئاغرىيدۇ ، بۇۋاقىتتا پەقەت تۇخۇم ، كالا گۆشى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ، يېشىل كۆكتات قاتارلىق كالىتسىي مول يېمەكلىكلەرنىلا يېيىش ، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .