ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
كونا كېسەل -قەۋزىيەتكە سەل قارىماڭ
2011-08-24 08:29:43     تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
قەۋزىيەت مەيلى چوڭلاردا بولسۇن ياكى كىچىكلەردە بولسۇن كۆپ كۆرۈلىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش كېسەللىكىدۇر .

 

نۇرغۇن كىشى قەۋزىيەت قۇرۇق ئىسسىقتىن بولىدۇ ، دەپ قاراپ ھۆل سوغۇقتىن بولىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنداقلا قەۋزىيەت ئادەتتىكى كېسەللىك دەپ ئېتىبار بەرمەيدۇ.

   قەۋزىيەت ئېغىرلاشسا ، ھەزىم قىلىش يوللىرى ياللۇغلىنىش ، ھەزىم يولىدا يارا پەيدا بولۇش ، ئۈچەي تېشىلىش، مەقئەت يېرىلىش ، بوۋاسىر ، ئۈچەي راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئچكى كېسەللىكلەر بۆلىمىنىڭ مۇدىر ۋېراچى ئەركىن مەمتىمىندىن ئىگىلىشىچە ، ئۈچەي نەملىكىنىڭ تۆۋەنلىشى ، سەۋدا خىلىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ، سۈرگە دورىلىرىنى كۆپ ئىچىش ، كىلىزما قىلىشقا ئادەتلىنىپ قىلىش ، ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلماسلىق ،تۇرمۇش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى ،زىيادە چارچاش ، تەرەت قىلغاندىكى ئولتۇرۇش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى ، تەرەت قىلغاندا ماتېرىيال كۆرۈش قاتارلىقلار قەۋزىيەتنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولىدىكەن .

 قەۋزىيەت باشلانغاندا چوڭ تەرەت قېتىم سانى ئازلاشتىن ئىبارەت دائىم كۆرۈلىدىغان ئەھۋالدىن باشقا ، ئېغىز پۇراش ، يەل كۆپ كېلىش ،كۆپ كېكىرىش ، كۆرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدىكەن.

   كۈندىلىك تۇرمۇشتا قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئەتىگەندە ھەسەل سۈيى ئىچىش ، ئاق ئۈجمىنى ناۋات بىلەن دەملەپ ئىچىش ، ھەسەلگە ئاز مىقداردا تۇز قوشۇپ ئىچىش ، ئەنجۈرنى مۇۋاپىقمىقداردا يېيېش ، تەستە ھەزىم بولىدىغان ، غىدىقلىغۇچى ، يەللىك ، زىيادە قورۇق سوغۇق ياكى زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك ئىكەن.

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قەۋزىيەت   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : دائىم ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلارغا پايدىلىق كۆكتاتلار
  • كىيىنكى ئەسەر : بىر سائەت تېلېۋىزور كۆرگەنلەرنىڭ ئۆمرى 22 مىنۇت قىسقىرايدىكەن
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号