ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلەم تۈزۈمى
2011-08-15 20:43:18     شىنجاڭ ئاياللىرى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلەم تۈزۈمى ۋە تۆلەم تۆلىتىش شەرتلىرى 2001–يى...

 

نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلەم تۈزۈمى ۋە تۆلەم تۆلىتىش شەرتلىرى

   2001–يىلى 4–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21–سانلىق يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇلاردا نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشتەك قانۇنىي ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا، سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپنىڭ ماددىي، روھىي جەھەتتىكى زىيىنىنى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولۇدىغانلىقى توغرىسىدا يېڭى بىر مەزمۇن بەلگىلەندى.

   بۇ يېڭى مەزمۇننىڭ نىكاھ قانۇنىدا بەلگىلىنىشى، ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلىشىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئەر–خوتۇننىڭ بىر –بىرىگە سادىق بولۇپ، بىر–بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىر–بىرىگە ياردەم بېرىدىغان، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

نىكاھتىن ئاجرىشىش زىيىنىنى تۆلەش تۈزۈمىنىڭ ئۇقۇمى

   نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلەم تۈزۈمى دېگىنىمىز ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپتە نىكاھتىن ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، نىكاھتىن ئاجرىشىپ كېتىشتەك ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا، بۇ خىل ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا سەۋەنلىكى يوق تەرەپنىڭ سەۋەنلىكى بار تەرەپتىن نىكاھتىن ئاجرىشىش تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىكى زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىدىغان بىر خىل قانۇن تۈزۈمنى كۆرسىتىدۇ.

   نىكاھتىن ئاجرىشىش زىيىنىنى تۆلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش يېڭى ۋەزىيەتتە نىكاھ–ئائىلە مۇناسىۋىتىدە سەۋەنلىكى يوق تەرەپنىڭ ھوقۇق –مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا نىكاھ–ئائىلە تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقىنى كۈچەيتىشنىڭ ئېھتىياجى، يېڭى نىكاھ قانۇنىدا نىكاھتىن ئاجرىشىش زىيىنىنى تۆلەش تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى دۆلىتىمىزنىڭ نىكاھ، ئائىلە قانۇن–تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى بىر تەرەققىيات باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   ئەر–خوتۇن توي قىلغاندىن كېيىن بىر تەرەپ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي ، يەنە بىر تەرەپكە جىسمانىي ۋە مال–مۈلۈك جەھەتتىن زىيان سالغاندا، بۇ خىل زىياننىڭ ئىجتىمائىي خەۋپىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرىسىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت دۆلەت قانۇنى بويىچە زىياننى تۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويغاندا، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپكە زۆرۈر بولغان ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدۇرۇش ئارقىلىق، زىيانغا ئۇچرىغۇچى تەرەپنىڭ تارتقان ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىكى زىيىنىنى تۆلىتىپ بەرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ توي قىلغاندىن كېيىن ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

نىكاھتىن ئاجرىشىش زىيىنىنى تۆلىتىشنىڭ شەرتلىرى

   ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى نىكاھ قانۇنى››نىڭ 46–ماددىسىدا : ‹‹تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا سەۋەب بولسا، سەۋەنلىك يوق تەرەپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلشقا ھوقۇقلۇق:

   1. قوش نىكاھلىنىش ؛ 2. جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش ؛ 3. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش ؛ 4. ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش›› دەپ بەلگىلەنگەن.

   بۇ ماددا نىكاھتىن ئاجراشقاندا سەۋەنلىكى يوق تەرەپنىڭ زىياننى تۆلىتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە بولۇپ، ئالاقىدار قانۇنبەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپتە تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەھۋال مەۋجۇت بولۇپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا سەۋەب بولسا ئاندىن دەۋالاشقۇچى بىر تەرەپ سوت مەھكىمىسىگە نىكاھتىن ئاجرىشىش زىيىنىنى تۆلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

   بىرىنچىدىن، نىكاھتىن ئاجرىشىشتا بىر تەرەپنىڭ ئالاھىدە زور سەۋەنلىكى سەۋەب بولغان بولۇشى كېرەك. يەنى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپتە نىكاھ قانۇنىنىڭ 46–ماددىسىدىكى قوش نىكاھلىنىش، جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش، ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش، ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش، تاشلىۋېتىشكە ئوخشاش ئالاھىدە ئامىللار سەۋەب بولۇشى شەرت.

   ئىككىنچىدىن، نىكاھتىن ئاجرىشىش زىيىنىنى تۆلەشنى پەقەت سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشى شەرت. نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپتىن زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ.

   ئۈچىنچىدىن، ئەر–خوتۇن نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپكە جىسمانىي، ئىقتىسادىي ۋە روھىي جەھەتتە ئەمەلىي زىيان پەيدا قىلغان بولۇشى شەرت. يەنى سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ قانۇنسىز قىلمىشى تۈپەيلىدىن جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەنگەن، روھىي جەھەتتىن زور بىسىمغا ئۇچراپ روھىي زىيان پەيدا قىلغان ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقان بولۇشى شەرت.

   تۆتىنچىدىن، بۇنداق ئەمەلىي زىيان ئىككىنچى تەرەپنىڭ زور سەۋەنلىكىدىن تۇغۇلغان بولۇشى كېرەك. يەنى سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ خاتالىقى تۇپەيلىدىن ماددىي زىيان، ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان بولۇشى شەرت. بۇنداق زىيان چوقۇم ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشىدىن كېلىپ چىققان بولۇشىنى شەرت قىلىدۇ. ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپتىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ زىيان تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىغا بولمايدۇ.

 

زىياننى تۆلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە مەسىلە

   1. زىياننىڭ دائىرىسىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك. نىكاھ قانۇنىنىڭ 46–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ‹‹زىياننى تۆلەش ››بولسا، ماددىي زىياننى تۆلەش ۋە روھىي زىياننى (مەنىۋى زىياننى)تۆلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ماددىي زىيان ئاساسلىقى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى زىيىنىنى كۆرسىتىدۇ. ماددىي زىياننى تۆلەشكە چېتىلىدىغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن ئومۇمىي قائىدىسى››، ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جىسمانىي زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى›› قاتارلىق قانۇنلاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە تەدبىقلاش كېرەك. روھىي زىيان دېگەندە ئاساسلىقى زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ كىشىلىك ئىززەت–ھۆرمىتى، نىكاھ–ئائىلە ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقى زىيانغا ئۇچرىغاندا تەلەپ قىلىدىغان روھىي جەھەتتىكى زىياننى كۆرسىتىدۇ. روھىي زىياننى تۆلەشكە چېتىلىدىغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ‹‹ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھوقۇققا دەخلى–تەرۈز يەتكۈزۈپ كەلتۈرۈپ چىقارغان روھىي زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى بېكىتىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات››نىڭ ئالاقىداربەلگىلىمىلىرىگە تەدبىقلاپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

   2. زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇق سۇبيېكتىنى توغرا ئىگىلەش لازىم.

   نىكاھ قانۇنىنىڭ 46–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سەۋەنلىك يوق تەرەپ دەۋاگەر سۈپىتىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە زىياننى تۆلىتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولسا، نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. ئەگەر سەۋەنلىكى يوق تەرەپ دەۋاگەر سۈپىتىدە نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسىنى ئوتتۇرىغا قويماي پەقەت زىياننى تۆلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلمايدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى نىكاھتىن ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان دېلولاردا ئالاقىدار تەرەپنىڭ نىكاھ قانۇنىنىڭ 46–ماددىسىنى ئاساس قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان زىياننى تۆلىتىۋېلىش تەلىپىنى قوللاشقا بولمايدۇ. چۈنكى زىياننى تۆلىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ بىردىن بىر ئاساسىي نىكاھتىن ئاجرىشىشتىن ئىبارەت قانۇنىي ئاقىۋەتنى شەرت قىلىدۇ. شۇڭا ئەر ياكى ئايال تەرەپنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن جورىسىلا نىكاھتىن ئاجرىشىشتىكى زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىش سۇبيېكتى بولىدۇ. شۇڭا نىكاھتىن ئاجرىشىشتىكى روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىش سۇبيېكتى سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن جورىسى بىلەنلا چەكلىنىدۇ. باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشىنىڭ ھوقۇق سۇبيېكتى بولالمايدۇ.

   3. زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشنىڭ دەۋا سۈرۈكىنى توغرا ئىگىلەش لازىم .

   سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ دەۋاگەر بولۇپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشتا ئۇنى نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسى قىلىش بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم. نىكاھ قانۇنىنىڭ 46–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ جاۋابكار بولغان نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجىرا دېلولىرىدا شۇ دېلودىكى جاۋابكار بولغان سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشقا قوشۇلماي پەقەت زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ دەۋا قىلسا، ئۇنىڭ بۇ دەۋا تەلىپى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قوللاشقا ئىگە بولمايدۇ. ئۇ چوقۇم نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە زىياننى تۆلىتىش توغرىسىدا ئايرىم دەۋا قىلسا بولىدۇ.

   سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ جاۋابكار بولغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلولىرىدا جاۋابكار تەرەپ بىرىنچى سوتتا نىكاھ قانۇنىنىڭ 46–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە زىياننى تۆلىتىۋېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويماي، دېلودىكى دەۋالاشقۇچىلار نارازىلىق ئەرز بەرگەندىن كېيىن، شۇ دېلودىكى جاۋابكار تەرەپ ئىككىنچى سوت جەريانىدا زىياننى تۆلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇرەسسە قىلىشى شەرت. ئەگەر مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، سوت مەھكىمىسى شۇ دەۋادىكى ئالاقىدار دەۋالاشقۇچىلارغا نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە زىياننى تۆلىتىش توغرىسىدا ئايرىم ئەرز قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

   نىكاھتىن ئاجرىشىش تۆلەم تۈزۈمى يېڭى ۋەزىيەتتە پۇقرالارنىڭ نىكاھ، ئائىلە مۇناسىۋىتىدە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپنى جازالاپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى. شۇڭا بىز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ساقلاپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

ئاپتور: قۇمۇل ۋىلايىتى ئارا تۈرۈك ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن

  • مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : نىكاھتىن ئاجرىشىش   |   تۆلەم تۈزۈمى   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدا خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئىسسىق ئۆتۈپ كەتسە، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش ھېسابلىنامدۇ
  • كىيىنكى ئەسەر : داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى كەينىگە يوشۇرۇنغان‹‹كۈلرەڭ مەنپەئەت زەنجىرى››
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号