چۈنكى تاماكا ئۆزى نىجىس ھارام نەرسە، ئۇ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغىنىنىڭ سىرتىدا، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقىي تەرەپلەردىنمۇ زىيانلىقتۇر. شۇڭا ئۇ ئىسلام شەرىئىتى قانۇنى بويىچە قەتئىي ھارامدۇر.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، ئىنسانلارنى ئۆزلىرىنىڭ تەن ساقلىقىغا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن مەنئى قىلىپ مۇنداق دېگەن :« ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار»، ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە ئىتتىرمەڭلار » ۋە « ئاللا سىلەرگە پاك نەسىلەرنى ھالال قىلدى ۋە نىجىس نەرسىلەرنى ھارام قىلدى» مۇندىن باشقىمۇ بۇ ماۋزۇدا كەلگەن ئايەتلەر كۆپتۇر.