ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • خۇشخۇي ئاياللار مەڭگۈ جەلىپكاردۇر
  • ئەگەر سىز خۇشخۇي ئايال بولىسىڭىز ، باشقىلار سىزنىڭ جەلىپكارلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. تەپسىلات »

  • ئىشخانىدىكى بەز...

  • سېمىز ئاياللار ...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    خۇشخۇي ئاياللار مەڭگۈ جەلىپكاردۇر
    2011-08-15 14:48:16     دوختۇر ساغلاملىق تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    ئەگەر سىز خۇشخۇي ئايال بولىسىڭىز ، باشقىلار سىزنىڭ جەلىپكارلىقىڭىزنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.

     

    خۇشخۇي ئاياللار مەڭگۈ جەلىپكاردۇر

     شادلىق گۈلى پۈتكۈل ھاياتىڭىزنى ، ئىللىق ئائىلىڭىزنى بېزەيدۇ . خۇشخۇيلۇق ھازىرىقى پۇرسەتنى چېڭ تۇتۇپ ، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىقنى تولۇق ئۇنتۇپ ،ئەقلىي تەجىرىبە _ ساۋاقلارنىلا بۈگۈنكى خۇشاللىقىنىڭ ئاساسى قىلىدۇ ؛ ئەتىكى ئورۇنسىز غەن ئەندىشىگە يول قويماي ، بەخىتلىك ئارزۇ - ئىستەكلەرنىلا كۆڭۈل تۆرىڭىزگە باشلاپ ، كۆز ئالدىڭىزدىكى تۇرمۇشىڭىزدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالدۇرىدۇ.

     خۇغخۇيلۇق ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز مۇئەييەنلەشتشرۈش بولۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرخىل ئىش ھەركىتى ، ئوماق گەپ سۆز ، قىلىقلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ خۇشال قىلالايدۇ . خۇشخۇي ئاياللار ھەربىر كۈننى جىمىرلاپ تۇرىغان شەبنەم تامچىلىرىدەك گۈزەل ،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزەلەيدۇ . ھەربىر كۈننى خۇشپۇراق گۈللەر بىلەن پۈركىيەلەيدۇ؛

     خۇشخۇيلۇق كاللىڭىزنىڭ سەگەكلىكىگە باغلىق . بەدىنىڭىزنى ، ئائىلىڭىزنى ، كەسىپىڭىزنى بارلىقىڭىزغا ئايلاندۇرۇپ ، مۇشۇلارنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولالىسىڭىزلا بۇلار ھەرقاتلام ، ھەر تەرەپلەردىن سىزنىڭ مول ،رەڭدار ئاياللىق خاندانىڭىزنى بەرپا قىلىدۇ . سىز ئۇلارنى باشقۇرىسىز ،يىتەكلەيسىز ، ئۇلارغا بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە گۈزەل ، نەپىس ، مول مەزمۇنلۇق ھايات سىمفونىيىسى ياڭرىتالايسىز.

     ياسىنىڭ ،خاسلىقىڭىزنى ساقلاشقا ماھىر بولۇڭ ؛ ئېرىڭىزنى ، باللىرىڭىزنى چىن يۈرىكىڭىزدىن سۆيۈڭ . ئەمما ، سىز ئۇلارنىڭ بارلىقى بولالمىغاندەك ، ئۇلارمۇ سىزنىڭ روھىيەت دۇنيايىڭىزنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋالالمايدۇ . ؛ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاب ئوقۇڭ . ئەمما ،مەستانە بولۇپ قالىماڭ ؛ ھاياتتىن ھوزۇرلىنىش مۇھىتىدا خىزمەتنى ھاياتىڭىزدىكى بىر خىل ھوزۇرلىنىش دەپ قارىغىنىڭىزدىلا ، ئاندىن توختاۋسىز جەلىپ قىلىش كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىغا ئېرىشەلەيسىز.

     ئەمەلىيەتتە خۇشاللىق دەل ئاشۇ ئاددى - ساددا ، ئەمما مول تۇرمۇش ئىچىدە بولىدۇ . ئۇ ئاشخانىڭىزدىكى تېتىتقۇ شېشىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ؛ ئۇ رەخىت پۇرۇچلىرى ۋە يۇڭ يىپلار بىلەن تولىغان تارىتمىلىرىڭىزغا يوشۇرۇنغان ؛ سىز تېخى ئوقوپ بولالمىغان كىتابقا يوشۇرۇنغان ؛ سىز يېزىۋاتقان ماقاللىرىڭىزنىڭ قۇر ئارلىقلىرىغا ؛ئېرىڭىزنىڭ ، باللىرىڭىزنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىگە يوشۇرۇنغان . خۇشاللىق __ ئىللىق چىراغ نۇرىدا ، ھەيۋەتلىك دەرىسخانىدا ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ماگزىنلاردا ، ئىللىق ئائىلىڭىزدە ، دەريا بويىدا ، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا تىمتاسلىق ، مەجنۇنلۇق بىلەن سىزگە باقماقتا.

     خۇشاللىق ھەممىمىزنىڭ يېنىدا ، خۇشاللىقىنى قولىدىن بەرمەي ، ئۇنى باخاشلىغىنىڭىزدىلا خۇشال ئايالغا ئايلىنالايسىز . خۇشخۇي ئايال بولۇشقا تىرىشىڭ . خۇشخۇيلۇقتىلا مەڭگۈلۈك ياشلىق ، مۇكەممەل ئۆزلۇك ، مەڭگۈلۈك جەلىپكارلىق بولىدۇ.

  • مەنبە : دوختۇر ساغلاملىق تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : خۇشخۇي   |   جەلىپكار   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر
  • كىيىنكى ئەسەر : 7ياشلىق قىزىمدا بالدۇر يېتىلىش يۈز بەردىمۇ؟
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号