ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
تۇرۇبا يولى يەللىنىپ قالغاندا ھامىلىنى ساقلاپ قېلىشقا بولامدۇ؟
2011-08-15 14:48:54     ئانارگۈل نەمەت     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
سوئال:مەن ئىلگىرى بالا ئالدۇرغان. بالا ئالدۇرغاندىن كېيىن مەندە ئا...

 

سوئال:مەن ئىلگىرى بالا ئالدۇرغان. بالا ئالدۇرغاندىن كېيىن مەندە ئاق خۇن كۆپ كېلىدىغان بولۇپ قالدى، رەڭگىمۇ غەلىتە. دوختۇرغا كۆرۈنسەم، تۇرۇبا يولى يەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قاپسىز دەيدۇ.

بىر مەزگىل دورا ئىشلەتكەندىن كېيىن سەل ياخشىلىنىش بولغاندەك قىلدى-يۇ، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە قوزغالدى. ھازىر مەن ھامىلدار بولۇپ قالدىم. ئاق خۇننىڭ رەڭگىمۇ يەنە ئىلگىرىكىدەكلا غەلىتە. بۇنداق ئەھۋالدا بالا ئالسام بولامدۇ؟

   جاۋاب: سىز دېگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا، سىز ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئەگەشمە خاراكتېرلىك، قوزغىلىشچان مىكروبلۇق جىنسىي يول يەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندەك تۇرىسىز.

سىز ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن سىستېمىلىق داۋالىنىپ كۆردىڭىزمۇ-يوق بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش قېتىم سانى بىر يىل ئىچىدە ئۈچ-تۆت قېتىم ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. تۇرۇبا يولى يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپ بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئانتىبىئوتىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرىنى كۆپ ئىچىش، دىئابىت كېسىلىنى ۋاقتىدا كونترول قىلماسلىق، ھامىلىدار بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تەسىرىدىن بولىدۇ.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى ئاشىدىغانلىقتىن جىنسىي يولدا مىكروبلارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشىنى تەمىنلەيدىغان يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى قەنت مەنبەسى كۆپەيگەچكە، ھامىلىدار ئاياللار ئاسانلا مىكروبلۇق جىنسىي يول يەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ-دە، داۋالاپ ساقايتىش ھامىلىدار بولمىغان ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تەسكىرەك توختايدۇ. سىز ھازىر مىكروبلۇق جىنسىي يول يەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قاپسىز. سىز ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ B تىپلىق ئۇلترا بىنەپشە نۇردا ھامىلىنى ۋە قېنىڭىزنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ.

بۇنىڭدا ھامىلىنىڭ يېتىلىشى نورمالمۇ-ئەمەسمۇ؟ ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپى بارمۇ-يوقمۇ؟ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىڭىزمۇ-يوق؟ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىشلەتسە بولىدىغان دورىلارنى ئىشلەتسىڭىز بولامدۇ دېگەنلەرنى بىلىۋېلىشىڭىزغا ياردىمى زور بولىدۇ.

  • مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تۇرۇبا يولى يەللىنىپ قېلىش   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ھەيز كۆرۈشنىڭ قالايمىقان بولۇشى كېسەللىكمۇ؟
  • كىيىنكى ئەسەر : تۆرەلمە بوۋاق تەربىيە مۇزىكىسى - موزارت مۇزىكىلىرى 1
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号