ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • ھامىلىنىڭ قىز-ئوغۇل بولىشى ئە...
  • ئادەم بەدىنىدە 23 جۈپ خروموسۇم بولىدۇ. بۇنىڭ 22 جۈپى دائىمىي خروموسوم دەپ ئاتىلىدۇ، يەن... تەپسىلات »

  • ساغلاملىق بويۇم...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى
    2011-08-15 15:06:49     دوختۇر ساغلاملىق تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    سوئال:مەن 33 ياشقا كىردىم، زەكىرىمنى قوپتۇرۇپ، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىدىن چىق...

     

    سوئال: مەن 33 ياشقا كىردىم، زەكىرىمنى قوپتۇرۇپ، جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش تەلىپىدىن چىقىشىمنىڭ بارغانسېرى قىينلىشىۋاتقانلىقىنى سەزمەكتىمەن. زەكىرىم قاتتىن ئۇخلىغان ۋاقتىمدىن باشقا چاغدا، ناھايىتى ئاز قوپىدۇ. بەزىلەر ماڭا، ياشلاردىكى ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىقنى كۆپىنچە پىسخىك (روھىي) ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەيدۇ. لېكىن بۇنداق ئەھۋال جىسمانى ئاجىزلىق ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىنمۇ كېلىپ چىقامدۇ-قانداق؟

     

    دوختۇر: جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرنىڭ 16% تىدىكى جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنى جىسمانىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ چوڭ مېڭە ۋە ئومۇرتقىنىڭ جىنسىي ئەزالارنىڭ قوپۇشىنى ھەم مەنى چىقىشنى تىزگىنلەيدىغان توقۇلمىلىرىدا كېسەل بولغانلىقتىن بولىدۇ. ئومۇرتقا بىرەر زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىسىلا، جىنسىي ئەزا قوپماسلىق مۇمكىن. بەزىدە جىنسىي ئەزا-سۈيدۈك يولى (مەزى بېزى قاتارلىقلار) دىكى ئاستا خاراكتېرلىق كېسەللىكلەرمۇ جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىنسىي ئاجىزلىققا ئوخشاش كېسەللىكلەردە، شېكەر سىيىش (دىئابىت) كېسىلىمۇ بىللە بولىدۇ.

    ئاقىلانە چارە: دوختۇرغا تەكشۈرۈپ، جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ جىسمانىي ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقمىغانلىقىغا قاراشتىن ئىبارەت. ئەگەر بۇ جەھەتتىكى ئامىل يوققا چىقىرىلسا، سەۋەبنى روھىي جەھەتتىن ئىزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

    خېلى ئۇزۇندىن بۇيان، جىنسىي ئەزالار ئالىمى ۋە ئۇرولوگلار بىر ئەرنىڭ زەكىرى مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، تولۇق قوپسىلا، ئۇ گىرىپتار بولغان جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىنى جىسمانىي ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، دەپ قارايدۇ، بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، جىنسىي ئەزاسى ئىلگىرى قوپقان (گەرچە قېتىم سانى ناھايىتى ئاز بولغان بولسىمۇ) ، ھازىر بولسا، جىنسىي ئاجىزلىق ياكى يېرىم جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچە روھىي ئامىل سەۋەپ بولىدۇ.

     

    مەزكۈر ماتېرىيال شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى
    تىببىي پەن دوكتورى لىمون كېراك (ئامېرىكا) 
    يازغۇچى، مائارىپ ماگىستىرى ئىسادور روبىن (ئامېرىكا)

  • مەنبە : دوختۇر ساغلاملىق تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ۋاقىتلىق جىنسىي ئاجىزلىق كېسىلى
  • كىيىنكى ئەسەر : قانداق قىلغاندا مىجەزى ئىتتىكلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号