ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • سۆزنەك دىگەن قانداق كېسەل؟
  • سۆزنەك - تارقىلىش دائىرىسى پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن، يۇقۇش سۈرئىتى تېز يۇقۇملۇق جىنسىي... تەپسىلات »
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى دورىلار
    2011-08-15 15:04:22     4تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    بىرىنچى: سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار:

     

    بىرىنچى: سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار:

    كاكىنەچ، بەدىيان، كاسىنە، بىنەپشە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى نىلۇپەر، ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى شاقاقۇنىئمان قاتارلىقلارغا ئوخشىغان قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، مەركىزىي نېرۋا سىستىمىسىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى پەسەيتىپ ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئىككىنچى: ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى دورىلار:

    نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نورمال قوزغىلىشىنى تۇرمۇزلاپ ، جىنسىيەت ھەققىدىكى تۈرلۈك غىدىقلىنىشلارنى ئۈنۈملۈك قۇبۇل قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئاخىرقى ھېسابتا جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    بۇلار نىشە، ئەپيۇن. بەزۇرۇلبەنجى، جەۋزى ماۋسىل، كۆك يۇمغاقسۈت، كاپۇر، ئۇسۇڭ، ئۈستىقۇددۇس، بادىرەنجىبۇيا، ئالما قاتارلىقلارغا ئوخشاشلار…

    ئۈچىنچى : مەنىي تۇتقۇچى دورىلارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىش؛

    بۇ خىل دورىلار دەسلەپكى مەزگىلدە نورمال ، قەرەللىك ھالدا ئىشلەتكەندە جىنسىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، جىنسىي ئاجىزلىقنى ئۈنۈملۈك داۋالىسىمۇ ، بۇ خىل دورىلارنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلىۋالغۇچىلاردا ئۇرۇق بېزىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاناسىل ئەزالار بەزلىرىنىڭ سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇلار ؛ كۇچۇلار، سالاجىت،جەۋزى ئەزەم،ھەببى ئىمساك،ھەببى رىگماھى،ھەببى مۇمسىك،ھەببى ئەپيۇن،مەجۈنى مەسىھا دىلكۇشاد ۋە باشقىلار….

    تۆتىنچى : ئىسپرتتىن زەھەرلىنىش-مەركىزىي نىرۋا سېستىمىسى تۇرمۇزلىنىپ قېلىش بىلەن جىنسىي پائالىيەت توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ ھەمدە بەدەن زەئىپلىشىپ جىنسىي قۇۋۋەت (شەھۋەت) ئاجىزلايدۇ.

    بەشىنچى : قان بېسىمى يۇقىرىلىقنى داۋالىغۇچى دورىلار؛

    بۇ خىل دورىلار مەركىزى نېرۋا سېستىمىسنىڭ خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، تاناسىل ئەزا قايىم بولىدىغان چاغدا قان تومۇرلارنى ئىشلىمەس قىلىپ قويىدۇ. بۇلار؛ كەرەپشە ئۇرۇقى، گاۋزىۋان، ئەرقى سەندەل، ئەرقى گاۋزىۋان، مەتبۇخى ئەپتىمۇن، ئەرقى بىدىمىشكى، دۇفۇ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار…..

    ئالتىنچى: ئىچىنى سۈرگۈچى دورىلار؛

    بۇ دورىلار ئۇزۇن مۇددەت بەدەننى تازىلاش (تەنقىيە) قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بەدەننى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، بۆرەك ۋە جىنسىي بەزلەر ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلار؛ ھەببى شەبيار، ھەببى ئايارەج، ھەببى سەبرى، شاھمىھەنزەل، سەبرى، تۇرغۇت، خىياشەنبەر  ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل سۈرگۈچى دورىلار جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    ئەسكەرتىش: كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دورىلار ھەر قانداق ئادەمگە يامان تەسىر بېرىشى ناتايىن. دورىلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىۋەتمەسلىك كېرەك. دورىلارنى كېسەل داۋالاش ئۈچۈنلا ئىشلىتىش ، شەھۋەت ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك لازىم.

    ئەرلەر ساغلاملىقى ناملىق كىتابدىن.

  • مەنبە : 4تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جىنسىي ئاجىزلىق   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش دىگەن نىمە؟
  • كىيىنكى ئەسەر : ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرەپنىڭ مەدەت بېرىشى ھەم غەمخ
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号