ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • ئەر ئايال جىنسىي تۇرمۇشتا ئو...
  • جىنسىي تۇرمۇشتا ھەر ئىككى تەرەپ تولۇق قانائەت تېپىشنى ئارزۇ قىلغۇچى ئەر-ئاياللار... تەپسىلات »

  • شېرىن ئاي مەزگى...

  • جىنسىي مۇناسىۋە...

  • جىنسىي ئېزىقتۇر...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    جىنسىي تۇرمۇش پەرزەنتلىك بولۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ
    2011-08-15 15:02:49     تور ماتېرىيالى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    جىنسىي تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرمىغاندا ، بىر تەرەپتىن تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يېتىپلا قالماستىن ، بەلكى پەرزەنتلىك بولۇشقىمۇ ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەكسىچە جىنسىي تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندا تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئەر - ئايال
        بىر قىسىم جىنسىي بىلىمى كەمچىل جايلاردا ، تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئىچىدە ھەيز كەلگەن ۋاقىتتا يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدىغانلار بار . ئۇلار ھەيز كەلگەندە بىللە بولسا پەرزەنتلىك بولۇشقا پايدىسى بار دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە ھەيز كەلگەن ۋاقىتتا بىرگە بولغاندا ، بەدەن غىدىقلىنىپ ئۇرۇققا قارشى ئانتىگېن شەكىللىنىپ ، ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مىكروبلار ئۈستىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ ، تۇخۇم نەيچىسىنى ياللۇغلاندۇرۇپ ۋە توسۇپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
     
        بەزى بىر قىسىم ئاياللار سۈيدۈك يولى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ھەر قېتىم بىللە بولغاندىن كېيىن كىچىك تەرەتكە بارىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن ، بۇ پاكىزلىق نۇقتىسىدىن توغرىدەك ، لېكىن تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەر - ئاياللار ئۈچۈن ياخشى ئەمەس . بۇنداق بولغاندا كۆپ مىقداردىكى ئۇرۇق سۇيۇقلۇقى سىرتقا چىقىپ كېتىپ ) بولۇپمۇ تۇخۇم ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلىدە بىللە بولغاندا ( تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
     
        تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا ، تۇغماسلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان %70تىن ئارتۇق بىمارلاردا بىللە بولۇش قېتىم سانى ھەددىدىن كۆپ بولۇش مەسىلىسى بار . يەنە بىر قىسىم تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا داۋالىنىش جەريانىدىمۇ يەنىلا بىللە بولۇش قېتىم سانى ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ بولىدىغان ئەھۋاللار ساقلىنىپ كەلمەكتە .  ئەرلەرنىڭ ھەر قېتىملىق ئىسپېرمىسى تەخمىنەن 1 - 6 مىللىلىتىر بولۇپ ئۇنىڭدىكى ئۇرۇقنىڭ سانى 3000 تۈمەندىن ئارتۇق .%70 تىن كۆپرەكى نورمال ھەرىكەت قىلالايدىغان ئۇرۇق بولغىنى بىلەن بۇلار ئىچىدىن پەقەت %1-%5 كىچە بولغان ئۇرۇقلا بالىياتقۇغا كىرەلەيدۇ .

    ئارىدىن پەقەت بىر تال ئۇرۇق تۇخۇم بىلەن ئۇچرىشىپ ئاندىن بىر تۆرەلمىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ . بۇ ئۇرۇقنىڭ شاللىنىش پۇرسىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ . ئەر - ئايال بىللە بولۇش قېتىم سانى ھەددىدىن كۆپ بولغاندا ، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇرۇق بىر خىل ئىممۇنىتېتلىق ماددا بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئايال تەرەپنى غىدىقلىغاندا ، ئايال تەرەپتە ئۇرۇققا قارشى ئانتىگېن شەكىللىنىپ ، ئۇرۇقنى سۇيۇقلاندۇرۇپ ، ھاياتىي كۈچىنى تۆۋەنلىتىپ پەرزەنتلىك بولۇشقا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
     
        ئامېرىكىدىكى كۆپىيىش سىستېمىسى مۇتەخەسسىسى يېقىنقى تەتقىقاتىغا ئاساسەن مۇنداق يەكۈن چىقارغان : ئۇرۇق سانى ئاز خاراكتېرلىك تۇغماسلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئەرلەر بىر قېتىم بىللە بولۇپ بولغاندىن كېيىن ، 30 -60 مىنۇتتىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بولسا ، ئۇرۇقنىڭ سانى ئېشىپ ، ئايالنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . 
  • مەنبە : تور ماتېرىيالى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : جىنسىي تۇرمۇش   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : جىنسىي ئەزالار تاكامۇللاشقان بولۇش
  • كىيىنكى ئەسەر : جىنسىي تۇرمۇش چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان «سىگناللار»
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号