ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
يۈرەك ئۆپكىنى ئويغاتقاندا تۆت خىل ۋاقىتنى ئېسىدە چىڭ ساقلاش كىرەك
2011-08-24 10:06:40     ناسىپجان مامۇت ، بۇخەلچەم ئابدۇكېرىمھاج     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
كۆكرەك قىسمىنى مىنۇتىغا 100 قېتىم بېسىش جىددىي قۇتقۇزغان ۋاقىتتا بىمارنى تۈز ياتقۇزۇپ ئاۋال كۆكرەك قىسمىنى بېسىش ، ئەگەر شارائىتى ياربەرسە كۆكرەكنى بېسىش بىلەن سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىش ، شۇنداقلا كۆكرەك قىسمىنى كۈچەپ تېزدىن بېسىش ، بېسىش قېتىم سانى مىنۇتىغا 100 قېتىم بولسا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ.

 

    يۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندا تۆت مىنۇت ئىچىدە جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك ، نەپىسىيۈرەك سوقۇشى تۇيۇقسىز توختاپ قالغان بىمارلار ئەگەر كېسەل قوزغىلىپ تۆت مىنۇت ئىچىدە ئۈنۈملۈك جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنسا ئەسلىگە كېلىش نىسبىتىنى %50 گە يەتكۈزگىلى بولىدۇ ، ئەگەر يۈرەك توختىشى تۆت مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندا پەقەت 1:4 بىمارلارنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ.

    يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كەتسە بىر سائەت ئىچىدە ئېرىتىش كېرەك . جىددىي خاراكتىرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېرىتىش پەيتى ئەڭ ئاچقۇچلۇق بولۇپ ، قانچە بالدۇر بولسا شۇنچە ياخشى ، بىر سائەت ئىچىدە ئوركىنازادا ئېرىتىپ داۋالاش ئېلىپ بارسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ . ئەگەر 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىنى ئوپىراتسىيە قىلىش كېرەك.

    مېڭە – قان تومۇر توسۇلغان ۋاقىتتا ئالتە سائەت ئىچىدە داۋالاش ئەڭ ياخشى تېببى ساھەدە مېڭە – قان تومۇر توسۇلۇپ ئۆلۈپ كەتسە ، ئالتە سائەت ئىچىدە داۋالاش ئەڭ ياخشى پەيت ( ياكى تۆت سائەت ) دەپ قارايمىز ، بۇ ۋاقىتتا بىمارغا نىسبەتەن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ ، كۆپ قىسىم بىمارلار خەۋپ – خەتەردىن ئامان –ئېسەن ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ناسىپجان مامۇت ، بۇخەلچەم ئابدۇكېرىمھاجىتەرجىمىسى

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : يۈرەك ئۆپكىنى ئويغىتىش   |   心肺复苏   |   cardio-pulmonary resuscitation   |   CPR   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئۆزىڭىزنىمۇ ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ
  • كىيىنكى ئەسەر : سالامەتلىككە پايدىلىق بولغان يەتتە ساننى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号