ئۈنۈمى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇيقۇ دورىلىرىنىڭ كۈچىنى يوقىتىش ۋاقتى ئۇزۇن ، بۇنداق دورىلارنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ ئىچكەندە ، ئەتىگىنى دورىنىڭ كۈچى كەتمەيدۇ ، ئويغانماق تەس بولىدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۈنۈمى قىسقا مۇددەتلىك دورا بولغان تەقدىردىمۇ ، دورىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىچىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك .
بەزى دورىلارنىڭ بىر يېرىم سائەتتىن تۆت يېرىم سائەتكىچە بولىدۇ ، بەدىنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئاستا بولغانلارغا تۆت يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ . ئەگەر بىمارلار ئەتىسى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرماقچى بولسا ، ئەڭ ياخشىسى كېچە سائەت ئىككى يېرىمدىن كېيىن دورىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرماسلىقى كېرەك.