ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
ئاموكسىتسىللىن،ئاموشىلىن
2011-08-15 15:15:44     نۇردوختۇر     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
ئاموكسىتسىللىن،ئاموشىلىن
دوختۇر ساغلاملىق تورى
 
«باشقا نامى»  P-ھىدروكسى-ئامپىتسىللىن (羟胺苄青霉素,P-hydroxy-ampicillin),فلېموكسىن(弗莱莫星,Flemoxin) ، ئامولىن (阿莫灵,Amolin) ، ئاموكسىتسىللىن (阿莫仙,Amoxicillin) ، ئاموكسىل(奥纳欣,Amoxil).
 
«ئاساسىي تەركىبى»  P-ھىدروكسى-ئامپىتسىللىن
 
«فارماكولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى» يېرىم سىنتىزلەنگەن كەڭ تەسىرلىك پېنىتسىللىن ، باكتىريىگە قارشى دائىرىسى ئامپتىسىللىنغا ئوخشاپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن سەل كۈچلۈك بولىدۇ . كىسلاتاغا چىداملىق ئەمما ئېنزىمغا چىدامسىز ، B-لاكتامازانى ئوڭاي ھاسىل قىلىدىغان باكتېرىيىلەرگە قارشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ . ئىچكەندە ئوڭاي سۈمۈرۈلىدۇ . قان پلازما ئاقسىلى بىلەن بىرىكىش نىسبىتى تۆۋەن . 12t  بىر سائەت بولۇپ، بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ .
 
«مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر» سەزگۈر باكتېرىيىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەپەس يولى ، سۈيدۈك يولى ، يۇمشاق توقۇلما قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇملىنىشىغا ئىشلىتىلىدۇ .
 
«ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى»  چوڭلار كۈنىگە 1~3gنى 3~4 قېتىمغا بۆلۈپ ئىچىدۇ .
 
«ناچار تەسىرى»  ئاشقازان ، ئۈچەي يوللىرى رىئاكسىيىسى كۆرۈلىدۇ . ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە تەكرار يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدۇ . قىسمەن چاغلاردا ئاللىرگىيىىك ئەسۋە ، دورا قىزىتمىسى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ . بەزى كىشىلەردە كىسلاتا خۇمار دانىچە ھۆجەيرىلەر كۆپىيىش ، ئاق قان دانىچىسى كېمىيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 
«دېققەت قىلدىغان ئىشلار»  
(1)دورىلار بىلەن بولغان تەسىرى:پىنىتسىللىن G بىلەن ئوخشاش . 
 
(2)مەنئىي قىلىنىدىغان ئەھۋاللار:پېنىتسىللىن تۈرىدىكى ۋە سېفالوسپورىن تۈرىدىكى دورىلارغا زىيادە سەزگۈر بىمارلارغا ، يۇقۇملۇق تاق يادرۇلۇق ئاق قان ھۆجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا ، لىمفا ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى بىمارلىرىغا ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ . 
 
(3)باشقىلار:ھامىلدارلار ،جىگەر ، بۆرەك ئىقتىدارى توسقۇلۇققا ئۇچرىغۇچىلارغا ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىلىدۇ .
 
«ياسالمىسى ۋە ئۆلچىمى»
 
فىلېموكسىن گوللاندىيەدە ئىشلەنگەن . تابلىتى: تابلىت125mg   , تابلىت250mg   , تابلىت500mg
 
ئامولىن شىياڭگاڭدا ئىشلەنگەن كاپسۇلى:دانە250mg
 
ئاموكسىل گىرمانىيەدە ئىشلەنگەن كاپسۇلى: دانە250mg   , دانە500mg
  • مەنبە : دوختۇر تور بېكىتى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئاموكسىتسىللىن   |   ئاموشىلىن   |   阿莫西林   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : قان ئىشلەش غول ھۈجەيرىسىنى كۆپەيتىدىغان ماددا بارلىققا كەلدى
  • كىيىنكى ئەسەر : ۋىتامىن K ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号