ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،

مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
ئاق خالات ۋە مەسئۇلىيەت- گۈلەندەم
2011-08-15 19:03:05     تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
      ئاۋاتلىقى      
‹‹8–مارت›› خەلقئارا ئاياللار بايرىمىغا بىر قانچە كۈن قالغان پەيتتە ، مەن ئۇنىڭمۇ ۋىلايەت بويىچە شەرەپ قۇچقان ئاياللار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، 3–ئاينىڭ 3–كۈنى ئۇنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك ئانا–بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسىغا باردىم .

 

 ئەنۋەرجان مەتنىياز

    گەرچە ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئىشخانىسىدا نېمىلەرنىدۇر يېزىپ ئولتۇراتتى . بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلغان پارىڭىمىز ناھايىتى تەبىئىي ۋە قىزغىن بولدى . تۆۋەندىكى بايانلار مېنىڭ ئۇ توغرىسىدا ئىگىلەپ يازغان خاتىرەمنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىدۇر .

   - ‹‹كونىلاردا ‹ رىزقى تۈگەپتۇ› دەيدىغان گەپ بار .مەن ئايالىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ ، كېسەلنىڭ رىزقى دوختۇرنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىغا ئىشەندىم›› . بۇ قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكىرەم يېزىسى بوستان كەنتىدىكى توختى قۇرباننىڭ ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ئېيتپ يۈرۈيدىغان سۆزلىرى .

   قەھرىتان سوغۇق بولۇۋاتقان يانۋار ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ، ئەمدىلا خىزمەتكە كەلگەن گۈلەندەم ئابلىز ۋىلايەتلىك 1–خەلق دوختۇرخانىسنىڭ تۇغۇت بۆلۈمى ئالدىدا قۇرسىقىنى چىڭ مۇجۇپ ئىڭراۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ . ئۇ 30 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ئايالنى بۆلۈمگە يۆلەپ ئەكىرىدۇ . تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ تۇغۇت جەريانىدا بالىياتقۇسىنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكى ، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىنمىسا ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ . ئەمما 200 يۈەنلا ئېلىپ كەلگەن بۇ ئايالنى ئالدىن ياتاققا ئېلىپ ئوپېراتىسيە قىلىش دوختۇرلارنىڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ .

   ـــ مانا بۇ 1000 يۈەننى ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مەن تۆلەپ قوياي ، ـــ دېدى گۈلەندەم كەسكىنلا قىلىپ ، ـــ ھازىر ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم ، پۇلنىڭ گېپى كېيىنچە بىر گەپ بولار...

   شۇنداق قىلىپ بەشكېرەم يېزىسىنىڭ بوستان كەنتىلىك بۇ ئايالنىڭ ئوپېراتسىيەسى جىددىي ئېلىپ بېرىلىشقا باشلايدۇ . ئەمما ، ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئۇنىڭغا قان يېتىشمىگەنلىكتىن ، قان سېلىشقا توغرا كېلىدۇ . بۇنىڭغىمۇ پۇل كېرەك ، ئەلۋەتتە . گۈلەندەم ئابلىز بىر سېستىرا دوستىنى ئىزدەپ ، قانغا كېتەرلىك بولغان پۇلنىمۇ ھەل قىلىدۇ . ئوپېراتسىيەدىن ئوڭۇشلۇق چىققان ئارزۇگۈل ئېزىز ئىككى كۈندىن كېيىن ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆز يېشى قىلغان ھالدا رەھمىتىنىبىلدۈرىدۇ.

   بۇ ، 1992–يىلىنىڭ 1–ئايلىرىدا بولغان ئىش ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ، بۇ دېھقان ئايال بىلەن ئۇنىڭدوستلۇقى رەسمىي باشلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل جەريانىدا ، ئۇ ئارزۇگۈلنىڭ ئۈچ بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن تۇغدۇرىدۇ . مانا ئەمدى ، ئۇلار ھېيت–بايرام ، توي–تۆكۈنلەردە بىللە بولىدىغان ، ئۆز ئارا پەتىلىشىپ ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىدىغان ئىناق دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ .

   1982–يىلى قەشقەر تېببىي مەكتەپنىڭ فېلدشېرلىق كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزگەن گۈلەندەم ئابلىز شۇ يىلى 9-ئايدا ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندۇ .ئەسلىدىنلا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چول بولغان گۈلەندەم دوختۇرخانا دەرۋازىسىغا قەدەم قويۇپلا خۇددى ‹‹قوقاس ئىچىدىن چوغ يېلىنجىغاندەك›› تېزلا باش كۆتۈرۈپ ، خىزمەت ھاياتىنى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە باشلايدۇ . كەسپىنى ئەستايىدىل تىرىشپ ئۆگىنىپ ، خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكە تايىنىپ ، ئاياللارنىڭ ھەر خىل كېسەللىكلىرىنى بالدۇر بايقاش ، بالدۇر دىياگنوز قويۇش ، بالدۇر داۋالاشقا دائىر يېڭى تېخنىكا ، يېڭى بىلىملەرنى تېزلا ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ .

   2002–يىلى 12–ئايدا خىزمەتتە ئەستايىدىل ، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ، باشقۇرۇش ئىلمىگە پىشقان گۈلەندەم ئابلىزنى ، تەشكىل ئەمدىلائىلگىرىكى ئامبۇلاتۇرىيە تۈزۈلمىسىدىن دوختۇرخانا بولۇپ ئۆزگەرگەن ۋىلايەتلىك ئانا -بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسغا كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى قىلىپ تەينىلەيدۇ . بۇ ۋەزىپە ئۇنىڭ غەيرىتى ئۈستىگە غەيرەت ، مەسئۇلىيتى ئۈستىگە مەسئۇلىيەت قوشىدۇ . ئۇ ئەمدى بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشچانلىقكۆرسەتمىسە ، جاپالىق ئىزدەنمىسە ئەسلا بولمايتتى . ئۇ ئۆزىگە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، بىر تەرەپتىن ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ دوختۇرخانا باشلىقىغا ياردەملىشىپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى بىلىملەرنى بېرىلىپ ئۆگەنسە ، يەنە بىر جەھەتتىن ، تېببىي خادىملارنى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش كەسپى بويىچە تەربىيەلەش ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ، داۋالاش ئىشلىرى جەھەتتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ، بىر قىسم مۇرەككەپ ئاياللار كېسەللىكىگەتېخمۇ ئۆلچەملىك دىياگنوز قويۇش ، كىلىنكىدا داۋالاش قاتارلىقلار بويىچە ئەتراپلىق ئىزدىنىدۇ . ئۇ كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، كېسەل داۋالاش ، ئاساسىي قاتلامدا ئانا -باللار ساقلىقىنى ساقلاش ، داۋالاش ئىشلىرىدا باشقىلارغا باشتىن-ئاخىر ئۈلگە بولۇپ ، ھازىرغىچە نۇرغۇن قېتىم چوڭ ، مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەلەرگە قاتنىشىدۇ . نۇرغۇنلىغان ھامىلدار ئاياللارغا تۇغۇت ئانىسى بولىدۇ . ئۇ يەنە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزىدىكى نوپۇزلۇق تېببىي ژۇرناللاردا ‹‹ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى‹HELLP› بىرلەشمەكېسەللىكى توغرىسىدىكى 13 مىسىال ھەققىدەتەھلىل›› ، ‹‹ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى غەيرىي بولۇش كېسەللىكى توغرىسىدىكى 102 مىسال ئۈستىدە تەھلىل›› قاتارلىق 12 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغاندىن باشقا يەنە ، بىرقىسىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىلىرىدا 20 پارچىدىنئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ ، كەسپداشلىرى ۋە ھەر مىللەت بىمارلىرىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشىدۇ .

   مۇنداق ئىككى ئىش ھېلىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ . 2005–يىلى 4–ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئانىسىنىڭ تۇيۇقسىز يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى قوزغىلىپ قېلىپ ، ۋىلايەتلىك 1–خەلق دوختۇرخانىسىدا بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . ئۇ خىزمەت ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن ، ئانىسىنى بىر قانچە كۈنگىچە يوقلاپ بارالمايدۇ . ئۇ بىر شەنبە كۈنى كەچتە ، ئانىسىنى كۆرگىلى بېرىپ ، ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدۇ ھەمدە بۇ كېچە ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ ، دوختۇرخانىدا قونۇپ قالىدۇ . ئانىسنىڭ پۇت–قولىنى تۇتۇۋاتقان گۈلەندەم ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىدىن كەلگەن بىر تېلېفون ئۇچۇرىغا ئاساسەن ، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان بىر ئايالنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئانىسى بىلەن يېغلامسىراپ خوشلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ . 2007–يىلى 5–ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن ئاشقان چاغ ، ھارغىنلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئاچلىق دەستىدىن كۆزلىرى قىزارغان ، چىرايى تاتارغان ، ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن گۈلەندەم ئېغىرلاشقان قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ .

   ـــ ئاپا ، ھازىرغىچىمۇ ئىشلەمسەن؟ ـــ دەيدۇ مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئىككىنچى ئوغلى ئەلىشىر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان تەلەپپۇزدا .

   ـــ شۇنداق ئوغلۇم ، ئىشىم ئەمدى تۈگىدى .

   ـــ قېنى ئولتۇر ، ناشتا قىلىۋېلىپ ، ئوبدان بىر ئۇخلىۋال ، ـــ دېدى چوڭ ئوغلى ئېرىشات ئۇنىڭغا كۆيۈنۈپ ، ـــ بىز مەكتەپكە كەتتۇق .

   ـــ رەھمەت باللىرىم ، ئەمما مەن ھازىرلا يېڭىسارغا كاماندىروپكىغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم . ئەتە داداڭلار كەلسە ، ھالىڭلاردىن خەۋەر ئېلىپ تۇرسۇن ، ـــ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئىش ئۈستىلىدىكى ماتېرىياللارنى سومكىسىغا قاچىلاشقا باشلايدۇ...

   بۇ خىل ھېكايىلەر گۈلەندەم ئابلىزنىڭ 29 يىللىق خىزمەت ھاياتىدا تالاي قېتىم يۈز بەردى ، ئەمما ئۇ ، بۇ ھېكايىلەر ئىچىىدىكى كىشىنى تەسرلەندۈرىدىغان جاپا–مۇشەققەتلەر ئالدىدا قىلچە ۋايسىماي ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن كۆرە داۋالاپ ساقايتقان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ چېھرىدىكى مەمنۇنىيەت تەبەسسۇمىنى كۆرگەندە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ رەھمەت–تەشەككۈرلىرىنى ئاڭلىغاندا ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى ، بۇلارنى ئۆز خۇشاللقىم ، دەپ بىلدى . دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ، پەرۋىش ئىشلىرى ، ياش تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەش ، مەبلەغ ھەل قىلىپ ، يېڭىچە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەش ، ئاياللار ۋە بالىلار سەھىيە كەسپىنى باشقۇرۇش ، يېزا ئاياللىرىنىڭ بالنىستتا يېتىپ يەڭگىش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، دوختۇرخانىنىڭ بازار ئىگىلىكى داۋامىدىكى ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ ، تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ نەتىجە ياراتقان چاغلىرىدا يىللاپ تارتقان جاپا–مۇشەققەتلىرىنى بىر يولىلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك بولدى.

   ئۇ يۇقىرقىدەك ئەمەلىي نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ، ئىلگىرى–ئاخىر بولۇپ ، دوختۇرخانا ، ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى» ، «ئىلغار خىزمەتچى» بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەندىن باشقا ، بۇ يىل 3–ئايدا ۋىلايەت بويىچە ‹‹ ئاياللار تۆھپە يارىتىش ئۈلگىسى›› نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى .

   ـــ ئاق خالات كىيگەن ئىكەنمەن ، دوختۇرخانا ئالدىدا ، كېسەللەر ئالدىدا بۇرچۇمنى ، مەسئۇلىيتىمنى ئۇنتۇپ قالسام ئۆزۈمگە ، كەسپىمگە ، ئۇچامدىكى ئاپئاق خالاتقا يۈز كېلەلمەيمەن ، ـــ دېدى ئۇ زىيارەت ئاخىرىدا ماڭا مەنىلىك قىلىپ . مەن ئۇنىىڭ بۇنىڭدىن كېينكى ئىشلىرىغا ئامەت ۋە خۇشاللىق تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم .

  • مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : گۈلەندەم   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : باش قېيىشنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللەر
  • كىيىنكى ئەسەر : خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号