ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • بالىلار چوقۇق بولۇپ قالسا
  • چوقۇق ھەر قانداق ياشتىكى بالىلاردا كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە چوقۇق يىرىق يانتۇ چوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، كۆپ ساندىكىلىرى بوۋاقلىق مەزگىلىدىنباشلىنىدۇ. تەپسىلات »

  • سېمز بالىلار ئا...

  • بالىلارنىڭ تىلى...

  • بالىلارنىڭ كېچى...

  • بوۋاقلارنىڭ ۋىت...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىقلىرىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
    2011-08-24 09:07:08     ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىقلىرىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

     


    1.زىيادە سەزگۈرلۈك خاراكېترىدىكى قورساق ئاغرىقى : ناۋادا بالىڭىزنىڭ قورساق ئغرىقى سۈت ، تۇخۇم ، بېلىق ، راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان بولسا ھەمدە باشقا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىسە ، ئاساسەن زىيادەسەزگۈرلۈك خاراكتېرىدىكى قورساق ئاغرىقى بولۇپ ، پەقەت مۇشۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىلا ياخشىلىنىپ قالىدۇ .

    2.ھەرىكەت خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىقى . نۇرغۇن بالىلار جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا قورسىقى ئاغرىپ كېتىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى جىددىي ھەرىكەت ئۈچەي يولىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭدا ئاساسەن تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىيدىغان بولۇپ ئىنتايىن قاتتىق ئاغرىغاندەك بولۇپ بىئارام بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ھەرىكەت مىقدارىنى ئازايتىش ، بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدرېجىي ئۆرلىتىشىگە دىققەت قىلىشى ؛ جىددىي ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، تاماقتىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلماسلىقى لازىم .

    3.ئۆسۈپ يېتىلىش خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىقى . ئالتە ، يەتتە ياشلىق بالىلار دائىم كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياكى ئۇخلىغاندىن كېيىن قورسىقى سەل ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ ، بىز مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن يېنىكلەيدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ . قورساق ئاغرىغان ۋاقىتتا ئاتا – ئانىلار بالىنىڭ قورسىقىنى يېنىك سىيلاپ بەرسە ياكى گىرىلكا قويۇپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ .

    4.شامال تېگىپ قورساق ئاغرىش . بالا ئۇخلىغاندا ئادەتتە جىم ياتماي يوتقىنىنى ئېچىۋېتىدۇ – دە قورسىقى ئېچىلىپ قېلىپ قورساق ئاغرىيدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئائىلە باشلىقى ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ، شامال تېگىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالسىلا كۇپايە .

    5.پىسخىكىلىك قورساق ئاغرىقى . بالىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس كەيپىياتى بار . مەسىلەن : يەسلىگە بېرىشقا ئۇنىمىسا قورسىقى ئاغرىشى مۇمكىن .بۇۋاقىتتا ئاتا – ئانىلار كۆپرەك باشلامچىلىق قىلىپ ، جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى يوقاتسا ، قورساق ئاغرىقىمۇ يوقاپ كېتىدۇ .

    6.كالىتسىي كەم بولۇش خاراكتېرلىك قورساق ئاغرىش . بالىدا كالىتسىي كەم بولسىمۇ قورساقى ئاغرىيدۇ ، بۇۋاقىتتا پەقەت تۇخۇم ، كالا گۆشى ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ، يېشىل كۆكتات قاتارلىق كالىتسىي مول يېمەكلىكلەرنىلا يېيىش ، زۆرۈر بولغاندا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .  

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : قورساق ئاغرىقى   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ناچار ئادەتلەر بالىلارنىڭ چىراي شەكلىگە يامان تەسىر بېرىدۇ
  • كىيىنكى ئەسەر : تۆۋەندىكى قورساق ئاغرىقلىرىدىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ
  • تۆۋەندىكى ئەسەرلەرگىمۇ قىزىقىشىڭىز مۇمكىن :
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号