ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنىنى پۈتۈن...
  • يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنىنى پۈتۈنلەي ۋىروسسىز قانغا ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ–يوق؟ قاننى... تەپسىلات »

  • ئەرلەرنىڭ خەتنە...

  • قايسى يېمەكلىكل...

  • ئەيدىز تەكشۈرۈش...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي ساۋاتلار
    2011-08-15 20:14:01     تەڭرىتاغ تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    ئەيدىز-- زىيىنى زور، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولسىمۇ، ئالدىنى ئېلىشقا تامامەن بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنا ياكى ئۈنۈملۈك بولغان داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى تېخى تېپىلغىنى يوق. ئەمما نۆۋەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

    ئەيدىز-- جىنسىي مۇناسىۋەت، قان ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق 3 خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچى بىلەن بولغان نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتىدە، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ. 


      ئۆزىنى- ئۆزى قەدىرلەش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش- ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت يولى ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر ھىساپلىنىدۇ. 


      سۈپىتى لاياقەتلىك بولغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش، جىنسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇرراق داۋالاپ ساقايتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. 


    زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ بىر ئىشپىرىسنى بىر قانچە ئادەم بىرلىكتە ئىشلىتىشى- ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئەيدىز تارقىتىشتىكى ئەڭ خەتەرلىك قىلمىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا زەھەرنى چەكلەش، ھاياتنى قەدىرلەش كېرەك. 


    زۆرۆر بولمىغان قان بېرىشتىن ساقلىنىش؛ زۆرۆر بولغاندا بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان ئىشپىرىس ۋە لاياقەتلىك بولغان قان بويۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك. 


    ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى ھامىلدار ئاياللار ۋاقتىدا تىببىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. 


    ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەيدىز توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش-- ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى بالدۇر بايقاشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېساپلىنىدۇ. 


    ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش، ئۇلارنى پەس كۆرمەسلىك؛ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشىغا ئىلھام بېرىش- ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېساپلىنىدۇ. 


    ئەيدىز- ھەر بىر ئادەم ۋە ھەر بىر ئائىلىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-- پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئەيدىزنىڭ پۇرسەتلىك يۇقۇشىدىن ساقلىنىش ئۇسۇلى
  • كىيىنكى ئەسەر : ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە ھەقسىز ئوقۇيدۇ
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号