ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملان...
  • ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى بايقاش ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى... تەپسىلات »

  • ئەيدىزنىڭ قان ئ...

  • دۇنيادىكى خېروئ...

  • ئەيدىز ۋىرۇسى پ...
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ئەيدىز قانداق ئىشلاردىن يۇقمايدۇ؟
    2011-08-15 20:12:28     تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    ئەيدىز گەرچە داۋاسىنىڭ يوقلۇقى، يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئۇزۇن مەزگىل يۇشۇرۇن تۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قورقۇنۇچلۇق ۋابا دەپ ئاتالسىمۇ، ئەگەر سىز ئۆز قىلمىشىڭىزغا مەسئۇل بولسىڭىز، يەنى زەھەرلىك چېكىملىك چەكمىسىڭىز، مۇقىم جىنسى جۆرىڭىزدىن باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەتتە بولمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ قېنى ياكى باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى تېنىڭىزگە كىرىپلا كەتمىسە ھەرگىز يۇقۇملانمايسىز.دېمەك ئەيدىز بىر خىل قىلمىش كېسىلى.

     

    ئۇنداقتا ھازىر ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بار، بىز قانداق قىلساق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز؟


         ئالدى بىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندا ئىنتايىن ئاجىز ۋىرۇس، دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقى،سۇپۇن سۈيى،ئىسپىرىت ھەتتا كۈچلۈك كۈن نۇرى، شامال  قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىلا بۇ ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىۋېتەلەيدۇ. دېمەك ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋادىن يۇقمايدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن  كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن،بىللە خىزمەت قىلىشتىن ئەنسىرەشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. مەسىلەن: يۇقۇملانغۇچى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قۇچاقلاشقاندا، بىللە تاماق يېگەندە، تېلېفون، مۇنچا ھاجەتخانىلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقمايدۇ.


         لېكىن ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، قان بىلەن ئۇچىرىشىش ئېھتىماللىقى بولغان سايمان قوراللارنى مەسىلەن ساقال قىرغۇچ، چىش چوتكىسى ۋە ئۇكۇل دىگەنلەرنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك( مەيلى ئۇ كىم بولمىسۇن،چۈنكى بىز كىمنىڭ تېنىدە ۋىرۇس بارلىقىنى بىلمەيمىز)، بۇلاردىنمۇ يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار.


         ھاشارەت ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرمايدۇ، بىراق كىشىلەر دائىم پاشا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرامدۇ دەپ سورايدۇ. پاشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق ئەمەلىي ئىسپات يوق.

    سەۋەبى بۇنىڭدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇشنىڭ شەرتى ھازىرلانمايدۇ. ئالدى بىلەن پاشا ئادەمنى چاققاندا ئاۋۋال چاققان ئادەمنىڭ قېنىنى ئىككىنچى ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىۋەتمەيدۇ.

    پاشا پەقەتلا ئۆزىنىڭ شۆلگىيىنى چاققان ئورۇنغا چىقىرىپ ئاندىن چاقىدۇ. ئاندىن قالسا، پاشىنىڭ نەشتىرىدىكى قان قالدۇقلىرىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ۋىرۇس ئىنسانلارغىلا خاس ۋىرۇس بولۇپ، ئۇ ھاشارەتنىڭ تېنىدە ياشىيالمايدۇ.


         ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشى ئۈچۈن ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، يەنى يۇقۇملانغۇچى بولۇشى، تەركىۋىدە ۋىرۇس بولغان يېتەرلىك مىقداردىكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇشى ۋە مۇشۇ سۇيۇقلۇق يەنە بىر ئادەمنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىشى كېرەك. مانا بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقماسلىقنىڭ سەۋەبى.dt7ئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەمئىيىتى تورىدىن ئېلىندى

  • مەنبە : ئىزباسار تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : 
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئەيدىز قانداق يوللاردىن يۇقىدۇ؟
  • كىيىنكى ئەسەر : ئەيدىز كېسىلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号