ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىس...
  • ساۋ جىن خەۋىرى : ئاپتونوم رايون يېقىندا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگ... تەپسىلات »
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ئەيدىز تەتقىقاتىدىكى زور بايقاش
    2011-08-24 12:24:07     شىنجاڭ گېزىتى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەيدىز ئاغرىقلىرى يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلسا، كېسەل ۋىرۇسىنىڭ ساغلام بولغان ھەمراھىغا يۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدىكەن.

     

        بۇ تەتقىقات 2005 – يىلى باشلانغان بولۇپ، ئامېرىكا شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىپىروفېسسور مېللون كوخن باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 1763 جۈپ ھەمراھ(ئەر – ئايال)نى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى %97 ى يات جىنسلار ئارا مۇھەببەتلەشكەن ھەمراھلار ئىكەن. بۇ ھەمراھلار ئافرىقا، ئاسىيا، لاتېن ئامېرىكىسىدىكى سەككىز دۆلەت بىلەن ئامېرىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى، يەنە بىر تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلار ئىكەن.

        ئوبيېكتلارنى ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغائايرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان؛ ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى تۆۋەنلىگەن ۋاقىتتا ئاندىن بۇ داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. نەتىجىدە، بىرىنچى گۇرۇپپا ئىچىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن بىرسىلا كۆرۈلگەن، ئىككىنچى گۇرۇپپا ئىچىدىكى يۇقۇملانغۇچىلار 27 گە يەتكەن، ۋىرۇسقا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەھلىللەرگە قارىغاندا، يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئۆزىنىڭ ھەمراھىدىن يۇققان ئىكەن.

        تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناچار شارائىتلارغا تاقابىلچان ۋىرۇس كۆچۈرۈپ دورىلىق داۋالاش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش خەتىرىنى %96.3 ئازايتقىلى بولىدىكەن.

        رەيھانگۈل قۇدرەت تەرجىمىسى

  • مەنبە : تەڭرىتاغ تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : ئەيدىز تەتقىقاتى   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئەرلەرنىڭ مۇۋاپىق ئاچچىقلاپ تۇرغىنى ياخشى
  • كىيىنكى ئەسەر : ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بالىلار پاراۋانلىق– كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号