ھۆرمەتلىك تورداش ، قەدىمىڭىزگە مەرھابا .بۈگۈن : ،
  • ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىسى يۇقۇم...
  • ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىلىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلارتۇرمۇشتا باشقىلا... تەپسىلات »
  • مۇزىكىلار فىلەشلەر فىلىملەر سۈرەتلەر

    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ1
    مەزمونلار يېڭىلىنىۋاتىدۇ2
    ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تىنچ پىسخىكىلىق ھالەتنى ساقلىشى كېرەك
    2011-08-15 20:33:50     تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى     مەنمۇ باھا بېرەي 0 باھا بار
          ئاۋاتلىقى      
    تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ياكى ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا بولغان زىيىنى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا زور بولىدۇ .

     

        چۈنكى ، تاماكا چېكىش ياكى ھاراق ئىچىش بەدەننىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ۋە جىگەرنىڭ  مېتابولىزم يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يوقۇملانغانلارنىڭ ئوڭايلا باشقا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملاردىن يۇقۇملىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ .

     

    ھاراق كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرۇپ ، سالامەتلىكىگە زىيانلىق ئىشلارنى ، مەسىلەن : بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتەك ئەھۋاللارنى سادىر قىلدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن . ئۇنىڭدىن باشقا تاماكا ۋە ھاراق خىراجەتنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بۇ خىراجەتنى ئوزۇقلۇق قىممىتى بار يېمەكلىكلەرگە ىسەرپ قىلسا ، ئۆمرىنى ئۇزارتىشغا پايدىلىق .

     

          ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ھەرقانداق ۋاقىتتا  ئارام ئېلىشقا ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك،  شۇڭا ئۇلار ھەر كۈنى يېتەرلىك ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىشى ، ئۆزىنىڭ چامى يېتىدىغان خىزمەتلەرنى قىلىشى ، چارچاش ھېس قىلغان ھامان ئارام ئېلىشى لازىم . كۈندىلىك تۇرمۇشتا روھىي كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، يۇقۇملانغانلاردا ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەندىشە قىلىش ، قايغۇرۇش ، ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىق پسخىك ھالەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇ ، سالامەتلىك ئۈچۈن پايدسىز .

     

    شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى روھىي كەيپىياتىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشىپ  ، كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپرەك ئويلىشى ، ئۆزىنىڭ كېسەل ئەھۋالىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى ئىمكانقەدەر ئويلىماسلىقى كېرەك . بوش ۋاقىتلىرىدا كۆپرەك مۇزىكا ئاڭلىشى ، سەيلە قىلىشى ياكى ئۆزىگە لايىق تەنتەربىيە بائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى كېرەك .

     

    ئۇنىڭدىن باشقا ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇشمۇ كەيپىياتنى يېنىكلىتىدۇ . دېمەك ، تىنچ پسىخىكىلىق ھالەتنى ماقلاش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا پايدىلىق .

     

    تەلئەت سابىت تەرجىمىسى

  • مەنبە : ئىزباسار تورى
  • ئاچقۇچلۇق سۆزلەر : تىنچ پىسخىكىلىق ھالەت   |  
  • ئالدىنقى ئەسەر : ئەگەر ئەر-ئايال ئىككىسى يۇقۇملانغان بولسا، تۇرمۇشتا نىمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟
  • كىيىنكى ئەسەر : ھەرە چېقىۋالسا
  • ھەمبەھىرلىنىڭ :            
  • ساقلىۋېلىڭ
  • خاتالىق مەلۇم قىلىڭ
  • كۆپ باھالانغان ئەسەرلەر
    چوڭلار دائىم ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ دەيتتى ، مانا ھازىر چۈشىنىپ يېتىۋاتىمەن ....
    Copyright © 2004-2011 www.dohtur.com | 苏ICP备11012674号